باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى(2)

2014.10.24 17:00   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى(2)

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى

  يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىن پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز