باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن كامېرون زۇڭلىلار يىللىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى(9)

2014.06.18 13:38   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ بىلەن كامېرون زۇڭلىلار يىللىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى(9)

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن لوندوندىكى دوۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇردىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن جۇڭگو-ئەنگلىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. 17-ئىيۇن چۈشتە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركىستېر ئىككى قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لى كېچياڭ كامېروننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئارقىدىن، لى كېچياڭ بىلەن كامېرون جۇڭگو-ئەنگلىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككىيلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ سۆھبەت نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆز كارخانىلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ داۋاملىق بۇنى قوللىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ خەلق پۇلى بىلەن فوند-سىتىرلىڭنىڭ بىۋاسىتە سودىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەنگلىيەدە خەلق پۇلى راسچوت بانكىسى قۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو مەبلىغى بانكىسى يىل ئىچىدە ئەنگلىيەدە شۆبە بانكا ئاچىدۇ. بىز جۇڭگو-ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىزنىڭ ئىقتىساد-سودا كۆلىمىمىزنى 2015-يىلىغىچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەمكارلىق كۆلىمىنى سۈپەتكە ئىگە قىلىش كېرەك دەپ ئورتاق ھېسابلىدۇق. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىدۇ، جۇڭگو بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئون مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. كامېرون جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيەگە بېرىش ۋىزىسى بېجىرىشىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە بىر يۈرۈش تەدبىر قوللاندى دېدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر شارى سودا، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپكىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارىغا نىسبەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئورتاق ئاشۇرىدىغان، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىمىز، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى لۇشيەننى ياخشى پىلانلاپ، تېز تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغانلىقىمىزنى بىرلىكتە بىلدۈردۇق. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە شاھىت بولدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تورۇبا يولىنىڭ C لىنىيەسىدە گاز توشۇش باشلاندى
      ·بېيجىڭ : ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ(1)
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…