مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 5-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى راشىل بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى : چوڭقۇر ۋە ئالاھىدە دوستلۇق جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارىتى كۆپىيىپ ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ ، جۇڭگو-پاكىستاننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تولۇق نامايان قىلىندى .جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يېقىن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىش كېرەك . تېخى يېقىندىلا ، رەئىس شى جىنپىڭ 4-قېتىملىق ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىنى قوزغىدى ، جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ . جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پاكىستان پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ .