باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن تېلىفونلاشتى

2014.05.19 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كېلىشىۋالغىنى بويىچە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن تېلىفونلاشتى.

  ئابدۇللا گۈل مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تۈركىيەدە قاتتىق كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ماڭا ھال سوراپ تېلىفون قىلدى، مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن بۇنىڭغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئابدۇللا گۈل تۈركىيەنىڭ كان ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كېلەلمىگەنلىكىدىن ھەم ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئېغىر كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، يارىلاندى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ھەم يارىلانغانلاردىن چوڭقۇر ھال سورايمەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈركىيەگە ھەر ۋاقىت جىددىي ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. مەن سىزنىڭ بۇ قېتىم مۇشۇ سەۋەبلىك جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولالمىغانلىقىڭىز ھەم ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىمەن. سىزنىڭ ئىككى تەرەپكە قولاي بولغان چاغدا جۇڭگوغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر ھەپتە، جۇڭگو تۈركىيەنىڭ قولىدىن ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ، بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى سەھنىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئومۇمىيۈزلۈك ۋە ئىستىرادېگىيەلىك يۈكسەكلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن سىز بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  ئابدۇللا گۈل تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تۈركىيە جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تۈركىيە مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.



مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر