باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بەردىمۇھەممەدوف بىلەن بىللە جۇڭگو ئات مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيىتىگە قاتناشتى

2014.05.13 17:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كەچتە تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن بىرگە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاخار ئېتى جەمئىيىتى ئالاھىدە يىغىنى ۋە جۇڭگو ئات مەدەنىيەت بايرىمى رەئىسلەر يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاخار ئېتى دۇنياغا داڭلىق ئەلا سورتلۇق ئات، ئۇ تۈرۈكمەنلەرنىڭ ئىپتىخارى ۋە شانشەرىپى، جۇڭگو خەلقى ئاخار ئېتىنى ياخشى كۆرۈپ دۇلدۇل دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭدىن 2مىڭ يىل بۇرۇن دۇلدۇل قەدىمى يىپەك يولىدىن ئۆتۈپ جۇڭگوغا كەلگەن ئىدى، جۇڭگو بىلەن تۈرۈكمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان تۈرۈكمەنىستان ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئىككى قېتىم ئاخار ئېتىنى دۆلەت سوۋغىسى سۈپىتىدە جۇڭگوغا تەقدىم قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھىسسياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئاخار ئېتى جۇڭگو بىلەن تۈرۈكمەنىستان دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتىشىنىڭ شاھىدى بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئات جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئات مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن جەڭگىۋار روھ بىلەن خۇددى دۇلدۇلدەك ئالغا ئىلگىرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا دۇلدۇلدەك جاسارەت بولۇشى كېرەك، ئات ئۈزلۈكسىز كۆرەش قىلىش، قۇدرەت تېپىشنىڭ سىموۋىلى، ئات چىداملىقلىق، جاسارەتنىڭ ۋەكىلى، بۇ يىل جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە ئات يىلى، جۇڭگو خەلقى ئاتنى قامچىلاپ ئۇچقاندەك چېپىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.

  بەردىمۇھامەممەتوف سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاخار ئېتى تۈرۈكمەنىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى، تۈرۈكمەنىستان تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، شۇنداقلا تۈرۈكمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقىسىدا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى، بۇ قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشەنچىسى ۋە دوستلۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ بىلەن بەردىمۇھەممەتوف يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى كەچتە شى جىنپىڭ بىلەن بەردىمۇھەممەتوف بىرلىكتە ئەمگەكچى خەلق مەدەنىيەت سارىيىغا بېرىپ، دۇنيا ئاخار ئېتى جەمئىيىتى ئالاھىدە يىغىنى ۋە جۇڭگو ئات مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يەنە بەردىمۇھەممەتوفنىڭ تۈرۈكمەنىستانغا ۋاكالىتەن جۇڭگوغا تەقدىم قىلغان ئاخار ئېتىنى قوبۇل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر