باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2014.05.13 17:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى 12-ماي سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ بۇ مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى-جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم مېخانىزملاشقان سەھنىسى بولۇپ، ئەلئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال ھەم ئالاھىدە رول ئوينىدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرىدە «تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش-جۇڭگو-ئافرىقا خەلقى نامراتلىقنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنىپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلىدۇ، بۇ-جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات قارىشى ۋە تەجرىبە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇپ ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ياخشىلاپ، ئافرىقىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش-جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. جۇڭگو ئەتراپلىق ۋە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش قارىشىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، توغرا مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئافرىقا خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپ، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خەلق دوستلۇقى-دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى-جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ رىشتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو-ئافرىقا يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ئۆزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر