- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپرېلدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى % 1.8 ئاشتى
2014.05.12 11:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-ماي دوكلات ئېلان قىلىپ، 4-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشتى، ئېشىش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.6 پوئېنت تۆۋەنلىدى دېدى.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى يۈ چيۇمېي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 4-ئايدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر زور كۆلەمدە تۆۋەنلىشىگە مۇنداق ئىش سەۋەب بولدى: بۇلتۇر 4-ئايدا ئەتىيازدىكى سوغۇقنىڭ تەسىرىدە كۆكتات باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 4-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى باشقا يىللاردىن يۇقىرى بولۇپ، كۆكتات باھاسى چۈشتى، يەنە بىر تەرەپتىن تەمىنات تەلەپتىن يۇقىرى بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر