باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئانگولادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

2014.05.12 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى دوس سانتوسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شۇ جاي ۋاقتى 8-ماي چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رۇئاندا 4-فېۋرال ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، ئانگولادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئانگولا-ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈشىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. مەن ئانگولا رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھازىرقى ھەمكارلىق ئاساسىدا، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى كۈتمەكتىمەن.

  لى كېچياڭ زىيارەت مەزگىلىدە، ئانگولا رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ۋە كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. لى كېچياڭ يەنە ئانگولادىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئانگولاغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ھال سورايدۇ ھەم جۇڭگو مەبلىغى ئورگانلىرى ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن چەتئەللەردىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر