باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى

2014.05.12 11:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 8-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئابۇجادا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، «ئافرىقا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇش-دۇنيا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان تەرەققىيات قارىشىغا ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقى-ئىككى مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ ئۆزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە كەسىپ تەرەققىياتىدا رېئال ئېھتىياجى بار، جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار. جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتى بىر –بىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش-جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن يەنىلا ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سەل ئاستىلىشى-ئوبيېكتىپ، نورمال، جۇڭگو يەنىلا ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. بىز ئاشۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ۋە سىجىل ئاشۇرۇشقا تېرىشىمىز.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا بېسىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر