باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كېنىيە پرېزدېنتى كىنياتا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.05.12 10:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 10-ماي چۈشتىن بۇرۇن كېنىيە دۆلەت سارىيىدا كېنىيە پرېزدېنتى كىنياتا بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كېنىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر بىرىگە داۋاملىق مەدەت بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كېنىيە كۆپ تەرەپلىك، كەڭ ساھەلەر، كۆپ قاتلاملىق ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە يولۇقماقتا.ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن كىنىيەنىڭ ئىقتىساد سودا بىرلەشمە كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ؛ سودا ، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كىنياتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېنىيە جۇڭگونىڭ كېنىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئوتتۇرىغا قويغان 461 ئافرىقا جۇڭگو ھەمكارلىقى رامكىسى ۋە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان ئالاھىدە سۆزىدىكى ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئۈچ چوڭ تورىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇش تەشەببۇسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ . جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي تېخنىكا،ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، سەھىيە ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا قاتناشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن كىنىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئىككى تەرەپلىك مەسلىھەت كومىتېتى قۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. يىغىندىن ئىلگىرى كىنياتا زوڭتۇڭ مەھكىمىسى مەيدانىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ لى كېچياڭنى كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر