باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياشلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك دېدى(2)

2014.05.05 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلارنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى-كەلگۈسىدىكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ، ياشلار يەنە قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈش ۋە تۇرغۇزۇش مەزگىلىدە تۇرماقتا، بۇ دەۋردىكى قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش بىردەمدىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، ئاساندىن قىيىنغا، يېقىندىن يىراققا قاراپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى تېرىشىپ كۈندىلىك ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ئەمەل قىلىدىغان ئېتىقاد ۋە غايىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ياشلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئەخلاقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، سەمىمىي بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ تېرىشىپ، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەپ، ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئەمەلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، كەسكىن تاللاشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىردەكلىكىگە كۈچ چىقىرىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيانىڭ 1-قاتارىدىكى ئالىي مەكتەپ قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنى چىقاردى، بىز بۇ نىشاننى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا بېسىپ، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ دۇنيادا 1-قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلىرىنى ياخشى قۇرۇشتا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولۇشى شەرت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ياشلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئۇرغۇتۇشى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان 1-قەدىمىنى ياخشى تاشلىشىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى؛ ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، كىشىلىك پەزىلىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلەپ، بىلىم سەۋىيەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسەت بۇلىقىنى ئېچىشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر