باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشنى تەكىتلىدى(2)

2014.04.28 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقىي-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە بولغان ئاممىۋى خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەش؛ پارتىيەنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللىي مەسىلىدىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلىشىنى قەتئىي توسۇش ۋە زەربە بېرىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن ساقلىنىش، پەسەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈزۈم، مېخانىزم، سىياسەت، خىزمەت جەھەتتىن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن ساقلىنىش، پەسەيتىش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولۇش؛ تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈكلۈكى، تەڭكەشلىكى، سىجىللىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى مەنبەسىدىن ئازايتىش ۋە ساقلىنىش؛ جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەڭشەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش؛ ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تۈزۈلمە مېخانىزمى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش؛ تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرگە قارىتا، ئاممىنى قانۇن تەرتىپى، قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىدىغان، مەسىلىنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىدىغان، زىددىيەتلەرنى قانۇنغا تايىنىپ پەسەيتىدىغان ياخشى مۇھىتنى تېرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر