باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شانانا بىلەن سۆھبەتلەشتى(3)

2014.04.10 08:56   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ شانانا بىلەن سۆھبەتلەشتى(3)

  باش مىنستىر لى كېچياڭ 9-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە شەرقى تېمۇرنىڭ باش مىنستىرى شانانا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 8-ئاپرېل رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا باش مىنىستىر ئەپەندىم بىلەن مول نەتىجىلىك كۆرۈشتى. جۇڭگو ئىزچىل دۆلەتلەر چوڭ كىچىك، قۇدرەتلىك ئاجىز، باي نامرات بولسۇن ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن شەرقىي تېمۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو شەرقىي تېمۇر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئوخشىمىغان يەر مەيدان، مەدەنىيەت، تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق دوست ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىگە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو «21-ئەسىرىدىكى دېڭىزدىكى يىپەك يولى»بەرپا قىلىش ئىستراتىگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شەرقىي تېمۇر مۇھىم بىر بېكەت. بىز شەرقىي تېمۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىزدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «دېڭىزدىكى يىپەك يولى» بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز.

  شانانا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. شەرقىي تېمۇر جۇڭگونى شەرقىي ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەرقىي تېمۇرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «21-ئەسىرىدىكى دېڭىزدىكى يىپەك يولى» بەرپا قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، پورتۇگال تىللىق دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز