باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بۇ يىللىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىنى تەبرىكلىدى

2014.04.10 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى تەبرىكلىدى ھەم ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، مەدەنىيىتى يېقىن، مۇناسىۋىتى قويۇق. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدا، ئىككى تەرەپ خەلقى مول، رەڭدار، دۇنياغا داڭلىق پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات روھىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە مول مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلاندى. مەدەنىيەت-ئالاقە كۆۋرۈكى ئورنىتىپ، قەلب روجىكىنى ئېچىپ، خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي ھەم ئالاھىدە رول ئوينىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلى باشلانغان يىل، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى ئارقىلىق، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئالماشتۇرۇشىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەت سەنئەتكارلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى دوستلۇقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر