باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئالاقە نۇقتىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.03.31 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئالاقە نۇقتىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئايرىم-ئايرىم بىردىن ناھىيە بىلەن ئالاقە باغلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-، 18-مارت خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىگە بېرىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئارقىدىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم باردى، لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋىڭنۇت خوشۇنىغا، جاڭ دېجياڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭخاڭ ناھىيەسىگە، يۈ جېڭشېڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدىڭ ناھىيەسىگە، ليۇ يۈنشەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىچۈەن ناھىيەسىگە، ۋاڭ چىشەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مېڭيىن ناھىيەسىگە، جاڭ گاۋلى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ نوڭئەن ناھىيەسىگە باردى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى قانۇن ئىجرا تارماقلىرى، كۆزنەك ئورۇنلارنى ئەمەلىي تەكشۈردى، كەنت، مەھەللە، كارخانىلارغا باردى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى، مەكتەپلەر، شىپاخانىلارغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى يۈزمۇ-يۈز ئاڭلىدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى يەنە ئالاقە نۇقتىلىرى تەۋە بولغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئاڭلىدى ھەم ئالاقە نۇقتىسى بولغان ناھىيە، خوشۇنلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش يوليورۇقلىرى، بولۇپمۇ لەنكاۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىشلەش باش تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، ئۆزىنى پاكلاش، كەمچىلىكىنى تۈگىتىش» باش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى باشلاش، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ياساش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر