خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-چېسلا فرانسىيە لىئونغا يېتىپ بېرىپ، فرانسىيەگە بولغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 25-چېسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 6:40 لار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان لىئون ئايرودرومىغا يېتىپ باردى. فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس ، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوۋلاندنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى.
مەنبە: خەلق تورى