باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2014.03.25 09:49   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن گائاگادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانلار يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، تۈرلۈك يادرو بىخەتەرلىكى خىرسىىغا تاقابىل تۇرۇپ، يادرو ماتېرىياللىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. يادرو بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش بىر سىجىل جەريان. بىز ئاقىلانە، ماس، تەڭ ئىلگىرلەيدىغان يادرو بىخەتەرلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يادرو بىخەتەرلىكى مۇساپىسىنى ساغلام سىجىل تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك.

  1- تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىخەتەرلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىز تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەرلىككە ئىنتىلىش، بىخەتەرلىك ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بۇلۇش ئېڭىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىخەتەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ھەر قانداق يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش تەس، بۇ ھەم ھەقىقىي تەرەققىيات ئەمەس.

  2- ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىك مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يادرو بىخەتەرلىكى خەلقئارا قانۇن ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان يادرو بىخەتەرلىكى سىياسىتى ۋە تەدبىرىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

  3- مۇستەقىل ۋە ماسلىشىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك يادرو بىخەتەرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يادرو بىخەتەرلىكىدىكى ئەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يادرو بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يادرو بىخەتەرلىكى شۇنداقلا يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك تېما، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى مۇساپىسىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ۋە تەشەببۇسنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  4- يۈزەكى ھەل قىلىش بىلەن تۈپتىن ھەل قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مەنبىيىدىن تۈگىتىشنى نىشان قىلىپ، يادرو بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. يادرو بىخەتەرلىكى سىياسىتى، تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ تەمىنات ئېھتىياج تەڭپۇڭلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش- يادرو بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى ۋە يادرو خەۋپىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىۋاسىتە ۋە ئۈنۈملۈك يول. تىنچ مۇقىم خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلغاندىلا، ئاندىن تېررورىزم ۋە يادرونىڭ كېڭىيىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ مەڭگۈ بىخەتەر تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يادرو ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ياخشى يادرو بىخەتەرلىك خاتىرىسىنى ساقلىدى. جۇڭگو مەملىكەت بويىچە يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، دۆلەتنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى قانۇن بەلگىلىمە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو بىخەتەرلىكى نىزامىنى تۈزمەكتە. جۇڭگو يەنە يادرو بىخەتەرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆزلۈك يادرو بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن كۈچەيتىپ، ئادىل، ھەمكارلاشقان، تەڭ نەپ ئالىدىغان خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا قەتئىي تەۋرەنمەستىن قاتنىشىپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتى يېتەكچىلىكىدىكى يادرو بىخەتەرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوللاپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوغداپ، مەڭگۈلۈك يادرو بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش 
      ·مال ـ دۇنياسىنى كۆز ـ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالتۇن چىش قاپلىتىدۇ(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ