باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى(2)

2014.03.14 08:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-مارت باش سېكرېتار گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. باش شۇ جى مۇنداق دېدى:جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتا، گۇاڭدۇڭنىڭ ئەنئەنىسى بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن تۇنجى قېتىم گۇاڭدۇڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش دولقۇنى ئالدى بىلەن كۆتۈرۈلگەن جاي. 30 يىلدىن ئارتۇق مۇساپىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى يەنىمۇ نامايان بولىدۇ. گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئالدىن قاتاردا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى 102 ۋەكىل 55 ئاز سانلىق مىللەتتىن كەلگەن، 4-مارت چۈشتىن كېيىن باش سېكرېتار سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  شىنجاڭدىن كەلگەن ئەزا ئەنۋەر ئىمىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. باش سېكرېتار بۇنى ئاڭلىدى ھەمدە: مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا قايتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ نىسبىتى قانچىلىق؟ ھەر يىلى قانچىلىق ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ؟ دېگەندەك بىرقانچە سوئال سوراپ، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  باش سېكرېتار گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئۆزى يېزىغا بېرىپ ئىشلىگەن ئەينى يىللارنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن يېزىدا ئىشلىگەنلىكتىن نامرات ئاممىغا تەبىئىيلا ھېسسىياتىم بار، ھازىر تۇرمۇش بارغانچە ياخشى بولۇۋاتىدۇ، نامرات رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.

  باش سېكرېتار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا تۇرمۇش ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزام، مالىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام ئاز كۆپلىك ئىنتىزامىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتتى، مەسىلە ياخشى ئىجرا قىلىش قىلماسلىقتا، بەزىلەر بۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدۇ، كۆپچىلىك ئىنتىزام قۇرۇق جازا بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشماقتا، بۇنىڭ بىلەن كارى يوق، بىز ھازىر ئىنتىزامنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. ئۇنداق باشقا بىزدە ھۆرمەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، ھۆرمەت تۇيغۇسى بولمىسا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايمىز، ھەممە ئىش بەرى-بىر دەپ قارايدىغان بولۇپ قالىمىز، جەزمەن قۇمدەك چېچىلىپ كېتىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

  باش سېكرېتار ئىككى يىغىندا ئىسلاھات، ئىستىل ئۈستىدە توختالدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا بەش قېتىم قاتناشتى، بىر قېتىم سىياسىي كېڭەش ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيەلەرنى بايان قىلدى، بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، ۋەكىللەر ئەزالارغا ھەسسىلەپ ئىلھام بەرى، ئۇلارنى روھلاندۇردى.

  ئىككى يىغىن يېپىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئىككى يىغىن روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى داۋاملىشىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر