شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جەڭگىۋارلىق كۈچى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، زامانىۋى ئۇرۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە غەلىبە قىلىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جەڭگىۋارلىق كۈچى قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ياساش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، بارلىق جەڭگىۋارلىق كۈچى ئامىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بارلىق مەنبەسىنى قېزىپ چىقىش لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ سەھىپىنى بىر نىيەتتە ياخشى يېزىپ، ھەم دۆلەتنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەم بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ ئامىل، كۆپ ساھە ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە خەلق بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش قېلىپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىن ئاخىرلاشقاندا شى جىنپىڭ قىسمەن ئاساسى قاتلام ۋە پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئارمىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنى مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قارىتىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى