باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2- يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2014.03.05 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2- يىغىنىغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئەزالار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە بىرىكمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈي جېڭشېڭ كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 4-چېسلا چۈشتىن كىيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2- يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى.

  4-چېسلا چۈشتىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. گۇرۇپپا يىغىنىدا، جىمىڭ نەنجيا، ئەنۋەر ئىمىن، ۋۇ ئېن، ئاشى لاۋگۈي، چۈەن جېنزى، ما خۇچېڭ قاتارلىق ئەزالار، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا بەس-بەستە پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، شۇنداقلا ئارىلاپ گەپ قىستۇرۇپ، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان دۆلەت، مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش- يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ ئىگىلىنىدىغان توغرا سىياسىي يۆنىلىش. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، مىللىي رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان تونۇشىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىز لازىم.

  ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ـ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پائال شارائىت يارىتىپ ۋە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايونلاردىكى ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق-بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق-ئاپەت. ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىپ ۋە بىرلىكتە گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشتەك ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلىبداش بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدەك ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى لازىم. زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇلارنى جازالاپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن پولات ئىستىھكام قۇرۇش لازىم. يولداش شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ تەكشۈرۈش ــ تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن ياردەمچىلىك ۋە تەدبىر كۆرسىتىپ مەسلىھەت بېرىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. يۈ جېڭشېڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر