خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلق تورى، شىنخۇا تورىنىڭ ھەممىسىدە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى نۇسخىسى بارمۇ؟»، «قانچە مىللەتنىڭ يېزىقى بار؟»، «ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى نۇسخىسى بارمۇ؟» 4-مارت چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەزالىرىنى يوقلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى ئې يىتەي ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئېنتېرنىت تورىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يۇقىرىدىكى بىر قانچە مەسىلىنى سورىدى. باش شۇجىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنىڭ توردا قوللىنىلىشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر