باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېرورلۇق دېلوسىغا دائىر مۇھىم يوليورۇق بەردى

2014.03.03 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىدىن دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، دېلونى پۈتۈن كۈچ بىلەن پاش قىلىپ، توپىلاڭچى، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ئۇلارنىڭ تاناۋىنى تارتىشنى، يارىدار بولغان ئاممىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىشنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق تۈرلۈك زوراۋانلىق ــ تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز سىياسىي ــ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۇن ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى يولداشلارنى كېچىلەپ يۈننەنگە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا، يارىدار بولغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاشقا ئەۋەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر