- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2014.02.18 15:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شى جىنپىڭ ئۆلكەباشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 17 – فېۋرال مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي مۇساپىسىگە جەزمەن ماسلىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئىشلىرى، ئۆز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەرتىپلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى شۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئەھمىيىتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز يېڭى نۇقتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مەسىلىسىنى ئانالىز قىلىپ، رەھبەرلىك تۈزۈمى، تەشكىلات تۈزۈمى مەسىلىسىنى تېخىمۇ نېگىزلىككە، ئومۇمىيلىققا، تۇراقلىقلىققا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىدى. ھازىر، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىر يۈرۈش تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ئەسقاتىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى بىلەن تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت زور تارىخىي ۋەزىپىگە دۇچ كەلدۇق. بۇ، ئىنتايىن دەبدەبىلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ ھەر قايسى ساھەدىكى ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ ھەمتۈرتكىسى ۋە يىغىندىسى بولۇشى كېرەك. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەھەتتە ئومۇمىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىمىز ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىز ئومۇمەن ياخشى، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ھەم دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جەھەتلەردە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلەر مەۋجۇت بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي، پەن – مەدەنىيەت ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك. بۇ، ئىككى جۈملىدىن تەركىب تاپقان بىر پۈتۈنلۈك، يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى يۆنىلىشىمىزدۇر.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىدا ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلغانلىقى، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانىدا ياخشىلانغانلىقى، ئىچىدىن ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. مەملىكىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن قانداق ياخشىلاش، قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈشتە بىزدە تەشەببۇس، ئىرادە بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان، كەڭ قورساق مىللەت، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنى شەكىللەندۈرگەن. مۇستەھكەم تۈزۈمگە ئىشەنچىمىز بولمىسا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان جۈرئىتىمىز بولمايدۇ، ئوخشاشلا ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشتىن ئايرىلساق، تۈزۈم جەھەتتىكى ئىشەنچىمىزمۇ تەل – تۆكۈس بولمايدۇ، ئۇزاق بولۇشىمۇ ناتايىن. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈندۇر؛ بىزنىڭ تۈزۈم جەھەتتىكى ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز بىر ئىزدا توختاپ قالغىنىمىز بولماستىن، بەلكى تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، تۈزۈمىمىزنى ئۇزاق داۋاملىشىدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ۋە يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، مىللىي خاسلىق، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىممەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ قىممەت سىستېمىسى، يادرولۇق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتا مەدەنىيەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى قېزىش ۋە بايان قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دەۋر ھالقىغان، دۆلەت ھالقىغان، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە، ھازىرقى زامان قىممىتىگە ئىگە مەدەنىيەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ھەم دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزگە قويغان ھەم دۇنياغا يۈزلەنگەن ھازىرقى زامان جۇڭگو مەدەنىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىلغان نەتىجىلەرنى تارقىتىشىمىز كېرەك.
جۇڭخۇا مىللىتى پەقەت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد گۈزەل، ئالىيجاناب ئەخلاق پەللىسىگە ئىنتىلگەندىلا، مىللىتىمىز مەڭگۈ ئۈمىدكە تولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى بىر ھۆججەت چىقىرىش 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلىق بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ يەنىلا ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشتا يەنە ئىنچىكە بولۇپ، جاپادىن قورقماي، كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تونۇش ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىشتە چالا چۈشىنىش، ئۇ يەر – بۇ يەردىن نەقىل كەلتۈرۈش، ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قۇرۇق گەپ قىلىپ يولغا قويماسلىق، كۈتۈش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چوقۇم ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە كېچە – كۈندۈز ئومۇم ئىشىغا بېرىلىدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇشىمىز، تېخىمۇ ھەقىقىي تۇتۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، ئۇزاق مەنپەئىتىگە قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆڭۈلگە ياقسا قوبۇل قىلىش، كۆڭۈلگە ياقمىسا چۆرۈپ تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەپەككۇر خاھىشىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.
پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا تارىخقا، خەلققە، دۆلەت ۋە مىللەتكە مەسئۇل بولغىلى بولىدۇ.
ليۇ يۈنشەن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سىياسىيلىقى، نەزەرىيەۋىلىكى، يېتەكچىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆزىنىڭ روھىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر