باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چاغان ھارپىسىدا «يالىڭاچ بالا»نىڭ ئائىلىسىگە خەت ئەۋەتتى

2014.02.18 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: باۋتو كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى جيا روڭ، جاۋ يۇڭفېڭنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىرگەن گاۋ جۈنپىڭنىڭ قەلبى پەقەتلا تىنچلىنالمىدى، ئۇ ھەركۈنى قولىنى پاكىز يۇيىۋېتىپ، چوڭ بىر كونۋېرت ئىچىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان سالام خەت قەغىزىنى ئاۋايلىغىنىچە چىقىرىپ تويماي قارايتتى، بۇ خەتنىڭ ئاخىرقى قۇرىغا «لى كېچياڭ» 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. گاۋجۈنپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: زۇڭلىنىڭ يازغان خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ زۇڭلى كەلگەن چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ھاياجانلاندىم، چۈنكى زۇڭلى خەت قايتۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىكەن، بۇ دەل چاغاننىڭ ھارپا كۈنى، چاغاننىڭ ھارپىسىدا زۇڭلىنىڭ بىزنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

  2013-يىلى گاۋجۈنپىڭغا نىسبەتەن چۈشتەكلا بىر يىل بولدى، بۇ چۈشتەك كۈنلەر 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ باۋتو بېيلياڭدا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بېيلياڭ كەپىلىك مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق گاۋجۈنپىڭنىڭ 20 كۋادرات مېتىر كەلمەيدىغان كىچىك ئۆيىگە كىرگەن ئىدى. گاۋجۈنپىڭنىڭ كىچىك نەۋرىسى گاۋ يۇبو يالىڭاچ پېتى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پروگراممىسىغا چىقىپ، تورداشلار تەرىپىدىن «يالىڭاچ بالا» دەپ نام ئالغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن گاۋ جۈنپىڭ ۋە مىڭلىغان بېيلياڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە گاۋ جۈنپىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەڭرى ھەم يورۇق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر