باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى دېڭىزدا توشۇشنى بىرلىكتە قوشداش پاراخوت ئەترىتىدىكى جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ پاراخوت باشلىقلىرى بىلەن ۋېدىيو ئارقىلىق كۆرۈشتى

2014.02.07 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن سوچىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى دېڭىزدا توشۇشنى بىرلىكتە قوشداش پاراخوت ئەترىتىدىكى جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ پاراخوت باشلىقلىرى بىلەن ۋېدىيو ئارقىلىق كۆرۈشتى، ئىككى پاراخوتتىكى بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۇڭگو ھەربىي پاراخوتىنىڭ باشلىقى لى پىڭچىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىغا قوغداش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى چاغان ئۆكتۈزىۋاتقان، رۇسىيە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئوفىتسېر ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى دېڭىزدا توشۇشنى بىرلىكتە قوغداش ھەرىكىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى، مەن ئۇلارنىڭ ئىككى قېتىملىق قوغداش ۋەزىپىسىنى غەبلىك تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خارتىيەسى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن ھوقۇق بېرىلگەن ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت. مەن سىلەرنىڭ ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغىنىڭلار، سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى بىخەتەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىش، سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمەن.

  پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ئۇلارنىڭ قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر