خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شىنخۇا نەزىرى» مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 28-يانۋار كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىگە كېلىپ، مېيىپ بالىلارنى يوقلىدى. تەقلىدىي ئائىلىدە «ئانا» جىڭ فېڭيىڭنى كۆرگەندە، شى جىنپىڭ قولىنى سۇنۇپ: « ‹ئانا› ياخشىمۇسىز، سىز بىلەن قول ئېلىشاي»، «نەچچە بالىڭىز بار؟» «تۆت»،... ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سورىغاندىن كېيىن: «بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ياخشىكەن، ئائىلىنىڭ ئىللىق سىزىمى باركەن» دېدى.
مەنبە: خەلق تورى