باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى(2)

2014.01.02 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى بىز ئىسلاھات يولىدا يېڭى قەدەم تاشلايمىز.

  بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈپ مەقسىتىمىز دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل ھەققانىي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىش.

  ئىسلاھات بىزنىڭ ئورتاق كۆرەش قىلىش ئۇلۇغۋار ئىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، بىز سانسىز شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتۇق. ئىشىنىمەنكى جۇڭگو خەلقى يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  7 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى يەر شارىدا بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشماقتا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.

  دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا ئۆز ئارا چۈشىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، يەر شارىمىزنى ئورتاق ياشايدىغان گۈزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  تۇرمۇش ھەر دائىم ئۈمىدگە تولغان، مۇۋەپپەقىيەت ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھارماي تالماي ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ.

  بىز ئالغا ئىلگىرلەش داۋامىدا خىلمۇ خىل خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپالىق كۆرەش قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تەرەققىياتىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى!

  كۆپچىلىككە رەھمەت!

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر