خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى خېزې شەھىرىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خېزې شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ناھىيە، رايونلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پىلاننى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، ھەر نۆۋەتلىك بەنزە ئالدىنقى نۆۋەتلىك بەنزە باشلىغان ئىشنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇرۇن بەلگىلىگەن نەرسىلەر توغرىلا بولسا قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىم. تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، توغرا،ئەتراپلىق بولماي قالغانلىقى بايقالسا، ئۇنى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسلە شۇكى، ئىشنى ھەقىقىي تۈردە جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ پۇختا ئىشلەش كېرەك،شۇنداق قىلغاندىلا ئاخرقى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى