باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى»نى تارقاتتى

2013.11.26 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى»نى (قىسقارتىپ «نىزامنامە» دېيىلىدۇ) تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «نىزامنامە» جەمئىي 12 باب، 65 ماددا بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىراجىتىنى باشقۇرۇش، دۆلەت ئىچىدە كاماندىروپكىغا چىقىش، ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ۋاقىتلىق چەت ئەلگە (چېگرادىن) چىقىش، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش، يىغىن پائالىيەتلىرى، ئىشخانا، بايلىق تېجەش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسراپچىلىق قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئومۇمىي ئاساسى ۋە ئومۇمىي قوللانمىسى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىدە قائىدە-تۈزۈم ئورناتقانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئىسراپچىلىقنى مەنبەسىدىن تۈگىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر