باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى مۇجەسسەملەندى (1)

2013.11.26 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزدا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

  جاڭ چۈنشيەن لېكسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جياڭ ۋېي لېكسىيە سۆزلىدى

  فېڭ جىن، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 25 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن لېكسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ ۋېي لېكسىيەسىدە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسىي روھى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى. لېكسىيە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا زىچ باغلانغان، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان، مەزمۇنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق، تەسەۋۋۇرى ئايدىڭ، چۈشەندۈرۈلۈشى چوڭقۇر، ھەم نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقىغا ھەم دەۋر پۇرىقى ۋە ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماسلىق، ئېچىۋېتىشتە توختاپ قالماسلىق›› مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش، 3 – ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى قارىشى ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، 3 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىشتا ئاكتىپ يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر