باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتەيلى

2013.11.25 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-نويابىر شەندۇڭغا بېرىپ، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، چۈشتىن كېيىن، چىڭداۋ شەھىرى خۇاڭداۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى خۇاڭۋىي ماي تۇرۇبىسى ۋەقەسى نەق مەيدانىغا كېلىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ ۋەقە بىزگە يەنە بىر ئاگاھ سىگنالى بولدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇش، قىلچە بوشاشتۇرماسلىق لازىم، بولمىسا دۆلەت ۋە خەلققە تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيان سالىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساۋاقلارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر