شىنخۇا تورى بېيجىڭ 20-نويابىر تېلېگراممىسى : سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 20-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى .
يىغىندا يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
مەنبە: خەلق تورى