باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيە ھەربىي كۈرەش ئارقا سەپ تەييارلىق خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2013.11.19 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 18-نويابىر پۈتۈن ئارمىيە ھەربىي كۈرەش ئارقا سەپ تەمىناتى تەييارلىق خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، پۈتۈن ئارمىيە ھەربىي كۈرەش ئارقا سەپ تەمىناتى تەييارلىق خىزمىتى يىغىنى 18-نويابىر ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتى ئومۇمىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە زامانىۋى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان ئارقا سەپ تەمىناتى، مۇلازىمەت قىسمىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش بولدى. ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، يىغىندا ھەربىي كۈرەش ئارقا سەپ تەمىناتى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە؛ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر