باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھات بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى(1)

2013.11.19 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18-نويابىر «ئىسلاھات بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي خەۋەرنى چىقىرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى قارارىنىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان بۇ قارارنىڭ كېڭىشىش، تەييارلاش، شەكىللىنىشىنىڭ پۈتۈن جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشتىكى چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، مەنپەئەتنى قاتتىقلاشتۇرۇشتىكى توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىسلاھات مەسىلىسىدىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچىسى، نەزەرىيەسى ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇشى نامايان قىلىندى.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قانداق مۇھىم تېمىنىڭ تاللانغانلىقىغا پارتىيە ئىچى، سىرتى، دۆلەت ئىچى، سىرتى ناھايىتى دىققەت قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزدى ۋە تەتقىق قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئاياغلىشىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا چىقتى، ئۇ شېنجېنغا بېرىپ، ليەنخۇاشەن باغچىسىدا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھەيكىلىگە گۈل قويدى. باش سېكرېتار قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز-بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى، يېڭى بۆسۈش يارىتىش، يېڭى پەللىگە قاراپ مېڭىشقا تېرىشىپ تۈرتكە بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بۇ يىل 4-ئايدا تارىخىي تەجرىبە ۋە رېئال ئېھتىياج يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىش ھەم قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت زور ئەھمىيەتكە ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بىر تارىخىي ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى چىقاردى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يەنە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ بىۋاسىتە گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولدى. بۇ-يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر