باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن: 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىستىل بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جانلىق ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرايلى

2013.11.18 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئارزۇ نامايان قىلىندى.بىز ئىسلاھات ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ياخشى ئىستىل، ياخشى روھىي كەيپىيات بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  15-نويابىردىن 17-نويابىرغىچە، ليۇ يۈنشەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەنتەي، ۋېيخەي، جىنەن قاتارلىق جايلاردىكى كارخانا، مەھەللە، يېزا ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئاساسىي قاتلام ئەھۋالدىن ئەھۋال ئىگىلىدى، كاردىرلار ۋە ئاممىدىن يۈزتۇرانە پىكىر ئالدى. ئۇ شەندۇڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە شەندۇڭنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خو شياۋگۇاڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر