باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى(2)

2013.11.12 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەڭ مۇرەككەپ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى، 7-ئايدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشنى جاكارلىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خەلق بانكىسى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدىغان تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى بازار قارار قىلىشقا باشلىدى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى جوڭگۈەنسۈندىكى بىر كارخانا بىر تۈركۈم قەرز پۇلغا ئېرىشتى، قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى مەركىزىي بانكا ئەمەس، بەلكى بازار بېكىتتى.

  پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، مالىيە، باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىمۇ ھاياتىي كۈچىنى توختىماي جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى، يەرلىكنىڭ قەرزىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قويۇۋېتىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش سۈرئەتنى تېزلىتىش سىگنالىنى چالدى، يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى كۈچەيتىلدى؛ تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى مىليون 300 مىڭ كارخانىنىڭ جەمئىي 83 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك بېجى يېنىكلىتىلدى.

  ئىسلاھات تورتنى قايتىدىن پارچىلاش ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، بازارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تورتنى تېخىمۇ چوڭايتىش. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېنىق تەلەپ قويدى. سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، مەركەزدىن يەرلىككىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر جاسارەتنى ئۇرغۇتۇش ئىرادىسى بويىچە نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

  334 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش قاتارلىق تۈر بىكار قىلىندى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى؛ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان مەمۇرىي ئىجازەت قاتتىق تىزگىنلەندى، كارخانىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش توسىقى ئازايتىلدى. تىزگىنلەش بوشىتىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە خەلقنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ھاياتىي كۈچى مىسلىسىز ئۇرغۇتۇلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش نىسبىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى، يەككە كارخانا %37 ئاشتى.

  ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ھازىر كۈچلۈك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئېلىپ كىرمەكتە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر