شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكروبىلوگىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونى ئېلىمىزدىكى 14 تۇتاش كەتكەن نامرات رايوننىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-چېسلا ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان غەربىي خۇنەن تۇجيا-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ خىزمەت تەكشۈردى. مېۋە-چىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان كەچ كۈزدە، شى جىنپىڭ تۇجيالار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان فېڭخۇاڭ ناھىيەسى لياۋجياچياۋ بازىرىنىڭ چاڭپۇتاڭ كەنتىدىكى ئېكولوگىيەلىك مېۋە-چىۋە كەسپىي بازىسىغا كېلىپ، كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرى ۋە ئالاھىدە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)