باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى (2)

2013.08.01 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا مۇنداق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى: 1-، شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ يەر ئاستى باشقۇرۇش تور قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش. شەھەر بازارلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەر ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. 2-، پاسكىنا سۇ ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە قايتا پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرىدا، شەھەرلەرنىڭ پاسكىنا سۇ ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىنى زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى ئايرىم %85 ۋە %90 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش. 3-، تەبىئىي گاز، پار بىلەن تەمىنلەشتىكى كونىراپ كەتكەن تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش. 2015-يىلىغىچە، شەھەر،بازارلاردىكى 80 مىڭ كىلومېتىر تەبىئىي گاز ۋە يۈز مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن شىمالدىكى پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلاردىكى مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش كونا تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش. 4-، مېترو، يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول قاتارلىق زور سىغىملىق ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەھەرلەرنىڭ يول تورىنىڭ تۇتۇشىشى، راۋانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇش. مەملىكەت بويىچە شەھەر تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ۋېلىسىپىت يېشىل يولىنى تېزلىتىش. شەھەرلەردىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەش ۋە مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. 5-، شەھەرلەرنىڭ يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنى ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. 6-، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈن سۈيى يىغىش، سۇ چىقىرىش، يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلاش قاتارلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، قانۇنلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاش ۋە تولۇق ئىسپاتلاش ئاساسىدا، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تۈرلەردە ئىش باشلاشنى تېزلىتىش كېرەك. سۈپەت بىرىنچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوبراز قۇرۇلۇشلىرى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشلىرى ۋە چىرىكلىك باش كۆتۈرىدىغان سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارنى قەتئىي مەنئىي قىلىش، خەلق ئۈچۈن قۇرۇلۇش قىلىش، خەلققا نەپ يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل