باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 1-ئاۋغۇست ھارپىسىدا بېيجىڭ ھەربىي رايونىدا خىزمەت تەكشۈردى(2)

2013.08.01 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىغا قويۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ،زامانىمىز ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ، ئىلغار ھەربىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە-سىياسىيدا ئالاھىدە پاك، ئالاھىدە چىڭ، ئالاھىدە قەتئىي بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، ئالىي رەھبىرى كادىرلارنى سىياسىي ئېتىقادىنى ئاڭلىق كۈچەيتىش، سىياسىي مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىنى قەتئىي ئاڭلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۈرەش قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى غەيرەت بىلەن جانلىق ئىشلەش؛ ئارمىيەمىزنىڭ تۈپ ئىقتىدار تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۈرەش ئېڭىنى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مېڭىسىدە ھەقىقىي ھالدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۇرۇش بىلەن مەشىق بىردەك بولۇش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەشىق، مانېۋىر، سىناق ئىستىلىنى ھەقىقىي توغرىلاش؛ مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، مەشىق بازىسىنىڭ قىسىمنىڭ ئەمەلىي كۈرەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىداملىق بولۇپ، باشتىن-ئاخىر داۋاملاشتۇرۇش، ياخشى قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا ئىستىل بىلەن قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل