باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى(2)

2013.07.24 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېيدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋۇخەندىكى يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى بىرژىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خىزمەتچى خادىملار بىلەن ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودىسىنى ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش رەسىمىيىتى بېجىرگىلى كەلگەن دېھقانلار بىلەن پاراڭلاشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-چېسلا ۋۇخەندىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېيدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ‐‐ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش روھىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل