باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى(2)

2013.06.18 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادىمۇ-ئەۋلاد ئىرادىلىك ياشلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا مۇھتاج. ياشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، يۈكسەك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تۈۋرۈكلۈك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، باشتىن ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپىكارلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سېكرىتارىياتىنىڭ 1-سېكرىتارى سوڭ شيۇيەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆز قىلدى. ئۇ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، زامانىۋىمىزدىكى ياشلار تارىخىي كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قەيسەرلىك قولىغا ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە