باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹1–ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلسۇن (2)

2013.05.31 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسلىق بىنانىڭ 3 – قەۋىتىدىكى ‹‹تەسەۋۋۇر قىلىش، ئىجاد قىلىش›› تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى كۆپلىگەن ئۆسمۈر – بالىلارنى جەلپ قىلدى. شى جىنپىڭ ‹‹گۈزەل يۇرت – ماكاننى ئىجادىي قۇرۇپ چىقىش›› ناملىق نومۇرنى ئورۇنلاۋاتقان بالىلارنىڭ ۋېنچۈەن، يۈشۇ، جۇچۈ، لۇشەن قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى، بالىلارنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ ئىلغار بىناكارلىق ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئېڭىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ بالىلارغا: تەسەۋۋۇر كۈچى، ئىجاد قىلىش كۈچى نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ، دېدى.

  ئاساسلىق بىنانىڭ 1 – قەۋىتىدىكى ئورتاق بەھرىلىنىش زالىدا بىر ئارزۇ دەرىخى بالىلار يازغان ئارزۇ كارتىسى بىلەن تولغانىدى، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىن كەلگەن ئۆسمۈر – بالىلار ۋە ئاتا – ئانىسى سىرتلاردا ئىشلەۋاتقان، يېزىلاردا قېپقالغان بالىلار ۋەكىللىرى باش شۇجىغا ئارزۇ – ئىستىكىنى ئېيتىۋىدى، شى جىنپىڭ: مەن شۇ تاپتا سىلەرنىڭ ئارزۇ – ئىستىكىڭلارنىڭ تېزرەك رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن، دېدى.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا بالىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ، چوڭ زالنىڭ مەركىزىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ‹‹قولنى قولغا تۇتۇشۇش، قەلبداش بولۇش›› تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى كۆردى. شى جىنپىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارغا: سىلەر كىچىكىڭلاردىن باشلاپ ئىرادە تىكلەپ، ئارزۇ تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىشنى، ئەمگەكنى، ۋەتەننى سۆيۈشىڭلار، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىڭلار كېرەك، دېدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بالىلارنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلارغا باشتىن – ئاخىر غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ئۆسمۈر – بالىلارنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پىيۇنېرلار ئەترىتى تەشكىلى ئۆسمۈر – بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەت ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆسمۈر – بالىلار خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك. ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى قەتئىي چەكلەش، بۇنداق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.

  باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان سورۇندىكى بالىلار ۋە پىيۇنېرلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىرى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم – تەربىيەچىلەر چوڭقۇر تەسىرلەندى، كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ سۆزىنى چاۋاك چېلىپ كۈچلۈك ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مېڭىشتىن بۇرۇن، بالىلار بىرلىكتە گارمۇن بىلەن ئورۇندىغان مۇزىكا ۋە بالىلار خورىنى ئاڭلىدى، شى جىنپىڭ ‹‹ناخشا ساداسى ۋە كۈلۈمسىرەش›› ناملىق مېلودىيە ساداسى ئىچىدە بالىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خوشلاشتى، ناخشا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاڭ، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، شېن يۆيۆ ھەم مائارىپ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتتە بىللە بولدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە