باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچاڭ گرىتسىيە باش مىنىستىرى ساماراس بىلەن سۆھبەتلەشتى(2)

2013.05.17 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچاڭ مۇنداق دېدى: ياۋروپا جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسلىق يولىنىشىنىڭ بېرى، جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. گرىتسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. جۇڭگو، گرىتسىيەنىڭ جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزگىچە رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا سىمسىز خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە نۇر كامىل مەھسۇلاتلىرىدا قوش باج ئېلىشنى تەكشۈرۈشىگە يۈكسەك دېققەت قىلىدۇ، ھەمدە گرىتسىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئويناپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى سودىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يولغا قويۇپ، سودا ھامىلچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سامراس مۇنداق دېدى: گرىتسىيە بىلەن جۇڭگو دۇنيادا مەدەنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىقا ئىگە، كۆپلىگەن زور خەلقئارا ئىشلاردا بىر بىرنى قوللاپ كەلمەكتە. گرىتسىيە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۇردۇ. جۇڭگو گرىتسىيە خەلقىنىڭ ھەقىقى دوستى. يېڭى ۋەزىيەتتە، گېرتسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، دېڭىز ترانسپورت، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گرىتسىيەگە داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. گرىتسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودا جەھەتتىكى سۈركۈلۈش مەسىلىسنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشغا تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى جۇڭگو بىلەن گرىتسىيەنىڭ ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش، دېڭىز ترانسپورتى، يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى ھۈججەتلەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى كېچاڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا سامراسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە