باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-كونگو دوستلۇق دوختۇرخانىسى پۈتكەنلىكىنىڭ لېنتىسىنى كەستى(2)

2013.04.01 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ جۇڭگو-كونگو دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىن چىقىپ، ساسۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، نىگۇئابى ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، جۇڭگو ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن بۇ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە جۇڭگو سارىيىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. نىگۇئابى ئۇنىۋېرسىتېتى-كونگودىكى بىر مۇھىم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ. يېڭىدىن سېلىنغان كۇتۇپخانا-بۇ مەكتەپتىكى بىردىنبىر زامانىۋى ئىمارەت. كۇتۇپخانىغا تەسىس قىلىنغان جۇڭگو سارىيى-يېقىندا جۇڭگو كونگودا ئۆتكۈزگەن «جۇڭگونى بىلىش» پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى. شى جىنپىڭ بىلەن ساسۇ كۇتۇپخانا ئۈچۈن بىرلىكتە لېنتا كەستى. ئارقىدىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۇتۇپخانا زالىغا كىرىپ، كۇتۇپخانا ۋە جۇڭگو سارىيىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. كونگونىڭ ئالىي مائارىپ مىنىستىرى مويان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ كونگونىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ بىلەن ساسۇ كۇتۇپخانىغا كىرىپ، 1-قەۋەتتىكى قىرائەتخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. يورۇق، ئازادە كۇتۇپخانىدىكى زامانىۋى ئەسلىھەلەر، مول كىتابلار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا يىپيېڭى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭنى ئالقىش بىلەن قارشى ئالدى، شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ يەنە 2-قەۋەتتىكى جۇڭگو سارىيىغا باردى، بۇ يەرگە جۇڭگونى تونۇشتۇرىدىغان كىتاب ۋە نۇر دىسكىلار قويۇلغان ئىدى، تېلېۋىزوردا جۇڭگو مەدەنىيىتى ھەققىدىكى پىروگراممىلار كۆرسىتىلىۋاتاتتى. كونگونىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى مۇشۇ يەردىن تارتىپ، جۇڭگونى بىلىش، چۈشىنىش، ياخشى كۆرۈشكە باشلىدى. شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىدا شى جىنپىڭغا، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ھازىر خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقى، بۇندىن كېيىن پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇش، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن كونگو بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگو-كونگو، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شۇ جاي ۋاقتى 29-مارت چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىدىن ساقلىنىش، داۋالاش ئىشلىرى دوستلۇق ئەلچىسى پېڭ لىيۈەن پىرېزىدېنت ساسۇنىڭ رەپىقىسى ئانتوۋانىتونىڭ ھەمراھلىقىدا، بىراززاۋىل بىدانى تاشلىۋېتىلگەن بالىلارنى بېقىۋېلىش مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ مەركەزدە بېقىلىۋاتقان بالىلارنى يوقلىدى، بولۇپمۇ ئەيدىز كېسىلى بولغان بالىلارنى يوقلاپ، ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش، داۋالاش ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېقىۋېلىش مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، بالىلار پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى ھەم كونگونىڭ بالىلار ناخشىسىنى ئېيتتى. پېڭ لىيۈەن مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئىككى ئايال موناخ ئېنساندا ۋە رۇسى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مەن سىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش، داۋالاش، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپەڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن بالىلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقى ئارقىسىدا، كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پېڭ لىيۈەن مەركەزگە كومپيۇتېر، ئويۇنچۇق، سومكا قاتارلىق بۇيۇملارنى تەقدىم قىلدى. بىدانى تاشلىۋېتىلگەن بالىلارنى بېقىۋېلىش مەركىزى 1989-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر بىر ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 50 نەچچە بالىنى باقماقتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى ۋە مېيىپ بالىلارمۇ بار. ئارقىدىن پېڭ لىيۈەن ئانتوۋانىتونىڭ ھەمراھلىقىدا كونگو ئاياللار قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە