باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى

2013.03.29 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سۆزلىشىشى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى زۇما، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى روسسېف، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىنگى قاتناشتى، سىنگال پىرېزىدېنتى سالىھ، چات پىرېزىدېنتى دەبى، ئانگۇلا پىرېزىدېنتى دوسسانتوس، كوتىدۋا پىرېزىدېنتى ئوتتارا، بېنېن پىرېزىدېنتى يايى، كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى ساسو، موزامبىك پىرېزىدېنتى گېبزا، ئۇگاندا پىرېزىدېنتى مۇسىۋېنى، ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ پىرېزىدېنتى ئوبىيان، گىۋىنىيە پىرېزىدېنتى كونتى، مىسىر پىرېزىدېنتى مۇرسى، ئىفىئوپېيە پىرېزىدېنتى ھارمايام، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما قاتارلىقلار سۆزلىشىشكە قاتناشتى.

  ھەرقايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، ئافرىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازايلى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقا تىنچ تەرەققىي قىلمىسا، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى بولمايدۇ، ئافرىقا قاتناشمىسا خەلقئارا ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ، ئافرىقىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمىسا يەر شارىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، 21-ئەسىر ــ ئافرىقا قەد كۆتۈرىدىغان ئەسىر. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئافرىقىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر بۇ دۆلەتلەردىكى 4 مىليارد نوپۇس بىرلىكتە ھەمكارلاشسا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى قوللايدۇ، بۇ خىل شېرىكلىك مۇناسىۋەت باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ئاساسىغا ئورنىتىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلقئارانىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئافرىقىدىكى دۆلەت ھالقىغان چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ئافرىقىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارىشىغا ئورتاق ئەمەل قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە ياردەم بېرىپ، ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن دۆلەت ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەر يىلى ئافرىقا ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە تۈرلۈك باشقۇرغۇچى خادىم ۋە تېخنىكا خادىمدىن 300 نى تەربىيەلەپ بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئافرىقىدىكى دۆلەت، رايون ھالقىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇنداقلا تىجارەت باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، جۇڭگو جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ %97 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن باج ئالماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ، بىز 2015-يىلى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قوللاپ، ئافرىقىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا ئۈمىدكە تولغان چوڭ قۇرۇقلۇق، ئافرىقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج، ئافرىقا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە