باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىن تارقالغان ئىسلاھات سىگنالى

2013.03.28 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ، ۋاڭ پېيۋېي قاتارلىقلارنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 27-مارت چاقىرىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى پائال ئالغا سىلجىتىش، تىرىشىپ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى، ئاممىنىڭ كۆز تىكىۋاتقىنى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىنىش يىلىدا ئىسلاھات پايدىسىنى قانداق قويۇپ بېرىشىدۇر.

  بۇ قېتىم چاقىرىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئىسلاھاتقا دائىر بايانلار ھەقىقەت كۆپ بولۇپ، سىرتقا قارىتا بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دېگەن يېڭى سىگنالنى بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مالىيە-باج ئىسلاھاتىغا دائىر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. باھا ئىسلاھاتىدا، بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە