- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى
يىغىندا 48 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت تارماقلارغا بۆلۈپ بېرىلدى
2013.03.28 15:19 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈردى.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق ئالتە جەھەتتىكى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار جەھەتلەردىكى 48 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ھەمدە ۋەزىپىلەر تۈر بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ تارماق-ئورۇنلىرىغا بۆلۈپ بېرىلدى. يىغىندا، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلگەن، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە