باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى

2013.03.28 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

27-مارت، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھرىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى. سۆھبەتكە قاتناشقان رەھبەرلەر كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت دۇرباندىن بەرگەن خەۋىرى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى 27-چېسلا چۈشتىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇنىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بارسېلو، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگې بىرلىكتە يىغىنغا قاتناشتى. سىنگال زۇڭتۇڭى سالې، چاد زۇڭتۇڭى دەبى، ئانگولا زۇڭتۇڭى دوس سانتوس، كوتىدى-ئىۋۇئېر زۇڭتۇڭى ئوئاتتارا، بېنىن زۇڭتۇڭى يايى، كونگو جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى ساسوۋ، موزامبىك زۇڭتۇڭى گېبۇزا، ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسەۋەنى، ئېكۋاتور گېۋىنېيىسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ، گىۋىنىيە زۇڭتۇڭى كونت، مىسىر زۇڭتۇڭى مۇرسى، ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى خەيلە مەريەم، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى «ئافرىقىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى ئېچىش: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى. (مۇخبىر دۇ شاڭزې، يۈەن جىرۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}