باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى خەنزۇشۇناس ۋە خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى (2)

2013.03.25 16:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە رۇسلار ئۇزاق تارىخقا، قەدىمىي مەدەنىيەت، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغ مىللەتلەر. بۇ ئىككى ئۇلۇغ دۆلەت تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ دوست ئۆتۈشى، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست بولۇشى، مەڭگۈ دۈشمەن بولماسلىقى كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۇلۇغ گۈللەندۈرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى رۇسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدىغان كۈرەش نىشانى بىلەن تولىمۇ ماسلاشقان. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

  شۇ كۈنى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن موسكۋا نىكۇ 15-ياتاقلىق مەكتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ مەكتەپ مەخسۇس يېتىم-يېسىر ۋە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، پېڭ لىيۈەن دەرسخانا ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، سېرىك ئويۇنلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن پېڭ لىيۈەن بالىلارغا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگودىكى مىليونلىغان ئانىلارغا ۋاكالىتەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم. ياش-ئۆسمۈرلەر ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى. سىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشۈڭلارنى، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق بولۇپ چوڭ بولۇشىڭلارنى تىلەيمەن.

  ئارقىدىن پېڭ لىيۈەن يەنە ئالىكساندىردورۇف قىزىل بايراق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى . بۇ ئۆمەك رۇسىيەدىكى داڭلىق ھەربىي ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بولۇپ ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ ئويۇن قويغان . ئارتىسلار رۇسچە ، خەنزۇچە ئىككى دۆلەتنىڭ داڭلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ، ئېسىل ئۇسۇللارنى ئويناپ ، جۇڭگولۇق مېھمانلارنى قارشى ئالدى . پېڭ لىيۈەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى : مۇزىكىنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ . سىلەرنىڭ يەنە جۇڭگوغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە خەلقلەر دوستلۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە