باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ بىرىنچى خانىمى پېڭ لىيۈەن تارىختىكى خانىملارنىڭ زىيارەتكە چىقىش ئەنئەنىسىدە ئۆزگىرىش ياسايدۇ

2013.03.25 13:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى، جۇڭگونىڭ 1-خانىمى، داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى پېڭ لىيۈەن خانىم تارىختىكى جۇڭگونىڭ 1-خانىملىرىنىڭ چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىقىش ئەنئەنىسىدە ئۆزگىرىش ياسايدۇ .

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى، جۇڭگونىڭ 1-خانىمى، داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى پېڭ لىيۈەن خانىم بۇ قېتىم شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىقتى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى چەت ئەللەرنى زىيارەت قىلغاندا ھەمىشە ئۆزىنىڭ رەپىقىسىنى ياردەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ناخشىچى رەپىقىسىمۇ دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ قۇچىدىغانلارنىڭ قاتارىغا كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پېڭ لىيۈەننىڭ ئوبرازى ئىنتايىن ياخشى، جۇڭگودا داڭقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تارىختىكى جۇڭگو 1-خانىملىرىنىڭ ئىزچىل ئۈن-تىنسىز ئۆتۈپ كېتىشتەك ئەنئەنىسىنى بۇزۇۋېتىشكە مۇتلەق ئەمەلىي كۈچى بار.

  ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار ھەر يىلى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، پېڭ لىيۈەن ئىزچىل پارات كىيىمى بىلەن سەھنىگە چىقىدىغان يادرولۇق ئارتىس بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ناخشىلار بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قۇربان بېرىش روھىغا مەدھىيە ئوقۇپ كەلدى. جۇڭگودىكى بىر مودا ئېقىم ژۇرنىلىنىڭ نەشرىيات خادىمى مۇنداق دېدى : پېڭ لىيۈەن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى ئاياللارنىڭ ئۈلگە بولۇشى. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ناۋادا ئۇ مېچىل خانىمدەك 1-خانىم بولغان بولسا، قانداق بولغان بولاتتى؟

  پېڭ لىيۈەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى سەھنە ۋە ئېكرانلاردا ئاز كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز كېسىلى دوستلۇق ئەلچىسى بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قاراتتى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇ « پېڭ ئانا » لىق سالاھىيىتى بىلەن، بېيجىڭ، شەنشى لىنفېن « قىزىل لېنتا » مەكتىپىدىكى 20 نەچچە ئەيدىز بىمارى بىلەن جەم بولدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەلچىسى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات مەخسۇس خادىمىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئەيدىز كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، پېڭ لىيۈەن قاتناشقان جامائەت پاراۋانلىقى قىسقا فىلىمى «مەڭگۈ بىللە بولىمىز» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ياردەم قىلىشقا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى ۋە كېسەللەرنى كەمسىتمەسلىككە چاقىرىق قىلدى. پېڭ لىيۈەن بۇ قىسقا فىلىمدىكى ئاساسلىق رولچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسىي ناخشا «سىلەرنى سۆيىمەن»نى ئېيتقانىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر ئەمەلدار ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: دەسلەپتە پېڭ لىيۈەننى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «دوستلۇق ئەلچىسى» قىلىپ بەلگىلەشتە، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئامما ئىچىدىكى ئوبرازىدىن باشقا يەنە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى سۆيىدىغان بىر چىن يۈرەكنىڭ بولغانلىقىدا، ئۆزىدە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، بوشاشماس روھنىڭ بولغانلىقىدا.

  پېڭ لىيۈەننىڭ قىسقىچە ئارخىپى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}